باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر: گۇما ناھىيىسىدە تېخىمۇ قاتتىق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس

2015.07.07 11:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئىيۇل سائەت توققۇزدىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە 6.5 يەر تەۋرەپ، شۇ جايدا ئۈلۈم-يىتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى بولدى. ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ نېپالدىكى يەر تەۋرەش بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ كېيىن يەنە تېخىمۇ قاتتىق قالدۇق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى بارمۇ-يوق؟ جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورى مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى جياڭ خەيكۇن مۇنداق دېدى: گۇمانىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تارىخ خاتىرىلەنگەندىن بۇيان بۇ رايوندىكى 100 كىلومېتىر دائىرىدە ئىككى قېتىم ئالتە بالدىن يۇقۇرى يەر تەۋرىگەن، بۇ ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش ۋە بۇ رايوندا يۈز بەرگەن بەش بالدىن يۇقۇرى يەر تەۋرەشتىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق يەر تەۋرەپ باقمىغان.

  جياڭ خەيكۇن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتىن كېيىن 3-ئىيۇل سائەت 12 گىچە يەنە ئالتە قېتىم تۆت بالدىن يۇقۇرى قالدۇق يەر تەۋرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم 4.6 بال يەر تەۋرىدى. شۇڭا بىز كېيىن تېخىمۇ قاتتىق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، دەپ پەرەز قىلدۇق، لېكىن مۇشۇ بىر قانچە كۈندە بەش بال ئەتراپىدا قالدۇق يەر تەۋرىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر