باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم گۇمىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى

2015.07.07 11:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە 6.5 بال يەر تەۋرىدى. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلاپلا ئاتلىنىپ، دەرھال ئاپەت بولغان جايلارغا بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، قوراللىق ساقچى قىسىم خوتەن تارماق ئەترىتى دەرھال ئەسكەر ئاجرىتىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزدى. تارماق ئەترەتنىڭ سىياسىي كومىسسارى چېن خەيجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تارماق ئەترىتىمىز دەرھال يۈز ئادەمنى تەشكىللەپ، ئىككى ئەترەتكە ئايرىپ، ئاپەت بولغان جايلاردا ئاپەتتىن قۇتقۇزدى، ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلەشتى: بىرىنچىسى گۇما بازىرى بولۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، خارابىلىكتىن پۇقرالارنىڭ مال مۈلۈكىنى تېپىپ بەردى، ئارقىدىن ئۆيلەرنى تازىلىدى؛ ئىككىنچىسى كۆكتېرەك يېزىسى بولۇپ، يارىدارلار، مال مۈلۈكنى قۇتقۇزدى، ئۈچىنچىسى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانىلىرىدىكى بىمارلار بولۇپ، بىز دوختۇرخانىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىدىن كېسەللەرنى يۆتكىدۇق. سىياسىي كومىسسار چېن خەيجياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە قىسىم ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا 40 چېدىر تىكىپ، 20 دىن ئارتۇق يارىدارنى يۆتكىدى، 20 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئۆيىنى تازىلىدى. كېيىنكى قەدەمدە، قىسىم ئۆلۈم-يېتىم ۋە ئۆيلەرنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىنى داۋاملىق ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى 30 دىن ئارتۇق چېدىر تىكىشكە تەشكىللىگەن، ئازادلىق ئارمىيە 18-دوختۇرخانىسى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى دالا داۋالاپ قۇتقۇزۇش ئورنى قۇرۇپ، ئېغىر يارىدارلارنى داۋالىغان. خوتەن شۆبە ھەربىي رايونى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى تېببىي خادىملارنىڭ 27 يارىدارنى داۋالاش، يۆتكىشىگە ياردەملەشتۈرگەن. قوراللىق ساقچى قىسىم قاتناش 4-تارماق ئەترىتى يەر تەۋرەشتە بۇزۇلغان يوللارنى جىددىي ياساشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتتۈرۈپ تەق بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر