باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن شۆھرەت زاكىر گۇما ناھىيەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى

2015.07.07 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىر 5-ئىيۇل ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر بولغان گۇما بازىرىدا نەق مەيداننى تەكشۈرمەكتە( لى پېيفېڭ فوتوسى)

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 5 - ئىيۇلدىن 6 - ئىيۇلغىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونغا بېرىپ، نەق مەيداندا ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يىغىن ئېچىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  شۆھرەت زاكىر 5 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل بىلەن قەشقەردىن 400 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆيلىرى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپەت ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ناھىيە بازىرىدىن ئاپەت ئەھۋالى خېلى ئېغىر بولغان پىشنا يېزىسىغا بارىدىغان تاشيولنىڭ بەزى بۆلەكلىرى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن يېرىلغانىدى، شۆھرەت زاكىر ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ تەكشۈردى، شۇ يەردىكى كادىرلاردىن ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە يۆتكەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، 72 سائەت ئىچىدىكى ئالتۇن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرەر ئائىلە، بىرەر ئادەمنىمۇ چالا قويماي ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  گۇما ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا چېدىرلار تىكىلگەنىدى، شۆھرەت زاكىر چېدىرغا كىرىپ، ئۇ جايدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. كەنت ئاھالىسى ئابلا قاسىمنىڭ خوتۇنى يەر تەۋرىگەن چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ كۆزىگە ياش ئالدى. شۆھرەت زاكىر ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپچىلىكتىن بەك ئەنسىرىدى، بىز چوقۇم ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ يەيدىغان تامىقى، كىيىدىغان كىيىمى، ئىچىدىغان سۈيى، ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇشىغا، كېسىلىنى داۋالىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ھەممىمىز بىر نىيەتتە بولساقلا، چوقۇم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز، دېدى.

  ئازادلىق ئارمىيە 18 - دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش خادىملىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ئىككى سائەت ئىچىدە دەرھال ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغانىدى. شۆھرەت زاكىر ۋاقىتلىق تىكىلگەن داۋالاش چېدىرى ئىچىدە داۋالىنىۋاتقان ئاممىدىن ھال سورىدى، دوختۇرلاردىن ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالى ۋە داۋالاش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، يارىلانغان ئاممىنى خاتىرجەم داۋالىنىپ، سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 5 - ئىيۇل كەچتە گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ھويلىسىدا يىغىن ئېچىپ، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۇقتۇردى، ۋىلايەت، ناھىيە، ھەرقايسى تارماقلار ۋە قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىر يەنىلا يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈش، قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاپەت ئەھۋالىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، بىرەر ئائىلە، بىرەر ئادەمنىمۇ قالدۇرماسلىقى كېرەك؛ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى چىڭ تۇتۇشى، ئالدىن پىلانلاپ، ھەر تەرەپلىمە مەبلەغ توپلاپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئىمكانقەدەر تېز يولغا قويۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، دېزىنفېكسىيە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى، يەنە بىر قولدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن شۆھرەت زاكىرغا ھەمراھ بولۇپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر