مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 200 كۈن قالغان پەيتتە، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرىقىتاغقا جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزىدە مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 200 كۈن قالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەتۈر ساناقنى قوزغىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شۆھرەت زاكىر، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شۇئەن بىرلىكتە تەتۈر ساناق خىرۇستال شارىنى قوزغاتتى.
مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شەرقىي شىمالدىن تۇنجى قېتىم غەربىي شىمالغا يۈزلىنىشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت كۆز تىكمەكتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەقەززا بولماقتا.
2011 – يىلى 12 – ئايدا مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان، بۇ يىل 1 – ئايدا مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، يېتەكلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، مۇسابىقە سورۇن – ساراي قۇرۇلۇشى، مۇسابىقە تەشۋىقاتى، مۇسابىقىنى ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت ۋە كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسەن باسقۇچ خاراكتېرلىك ۋەزىپە ئورۇندالدى.
شۆھرت زاكىر قوزغىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى، بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە يۈكلەنگەن شەرەپلىك، شۇنداقلا مۇشەققەتلىك ۋەزىپە، بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ بوشاڭلىق ۋە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى ئورۇنلار، تارماقلار جۇڭخۇا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زىچ ماسلىشىپ، مۇسابىقە سورۇن – سارايلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار، مۇسابىقىگە خىزمەت قىلىدىغان ئەترەتلەر، مۇلازىمەت ۋە كاپالەت ئەترەتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇسابىقە، مۇلازىمەت ۋە كاپالەت خىزمىتىنى ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئىقتىدارى، شىنجاڭ ئۈنۈمى ۋە شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلىپ، مۇسابىقىنى ئۆزگىچە، سەۋىيەلىك، ئالاھىدە ئۆتكۈزۈشكە كۈچىشى كېرەك.
ياڭ شۇئەن دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئېلىمىزنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ‹‹جەنۇبىي جۇڭگودا راۋاجلاندۇرۇش، غەربىي رايونغا كېڭەيتىش›› پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاۋامنىڭ قار – مۇز ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، قار – مۇز مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرۈش، قار – مۇز كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە 200 كۈن قالغان پەيتتە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى بىلەن ئالاقە، ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇسابىقە سورۇن – سارايلىرى ۋە ئەسلىھەلەرنى سىناش – تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇسابىقىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ئورۇنداپ، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئىخچام، قىزىقارلىق، تەنتەنىلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزى تېز تېيىلىش سارىيى، مۇز توپى سارىيى، مۇز چەينىكى سارىيى، تاراتقۇلار مەركىزى، ياتاق ۋە ئاشخانا قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن. مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزىدە تېز تېيىلىش، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ تېيىلىش، مۇز توپى، مۇز چەينىكى مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ قار ئۈستى تۈرىدىكى مۇسابىقىلەر ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ۋە بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئەركىن قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
جاڭ چۈنشيەن تەتۈر ساناق ۋاقتىنى قوزغىتىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مۇز توپى سارىيى، مۇز چەينىكى سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ سارايلاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سىناش – تەكشۈرۈش مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ، سورۇن – سارايلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
تېز تېيىلىش سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 28 مىڭ كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ چوڭ سارايدۇر.
جاڭ چۈنشيەن تېز تېيىلىش تىرېنېرلىرى، تەنھەرىكەتچىلىرى ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئۇلاردىن مەشىق، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنى داۋاملىق قاتتىق، ئىلمىي مەشىق قىلىپ شىنجاڭغا شەرەپ كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى، ئۇلار بىلەن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، جۇ چاڭجيې، تيەن ۋېن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن تەتۈر ساناق ۋاقتىنى قوزغىتىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.