ئائىلىسىدىكىلەر ھەنىمە گالىنى ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇخبىر 29-ئىيۇن قومۇل شەھىرى تاۋجياگوڭ بازىرى قارسۇ كەنتىدىكى بىر ھويلىدا ھەنىپە گالىنى كۆردى. ئادەتتىكى دېھقانلار ھويلىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ ھويلا قومۇل ۋىلايىتى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭغا داڭقى كەتكەن ‹‹ئىلى گۈلى›› مىللىيچە كەشتىچىلىك زاۋۇتى ئىدى. ئەمدىلا 36 ياشقا كىرگەن ھەنىپە گالى بۇ كەشتىچىلىك زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى ئىدى.
2009-يىلى ھەنىپە گالى تۇنجى كەشتىچىلىك ماشىنىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يولىنى باشلىدى.
ئۇ 2002-يىلى ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ خىزمەت ئىزدەيدۇ، ئەمما مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماي كەيپىياتى چۈشۈپ كېتىدۇ. تاساددىپىي پۇرسەتتە، ھەنىپە گالى ئۆزى كەشتىلىگەن دوپپىنى خېلى يامان ئەمەس پۇلغا ساتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ئىگىلىك تىكلەش خىيالى تۇغۇلىدۇ.
ھەنىپە گالى مومىسىدىن رەسمىي كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، 6-ئەۋلاد كەشتىچىلىك ۋارىسى بولۇپ قالغان.
ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان بۇ زاۋۇتتا 30 مۇقىم خىزمەتچى، 120 يۆتكىلىشچان تىككۈچى بار بولۇپ، كىيىم-كېچەك كەشتىلەشتىن باشقا، يەنە كارىۋات بۇيۇملىرى، ئاشخانا بۇيۇملىرى، ساياھەت بۇيۇملىرى، بېزەك بۇيۇملار، ئاپتوموبىل بۇيۇملىرى قاتارلىق 17 تۈردىكى 110 خىلدىن ئارتۇق تۈرلۈك كەشتە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. ھەنىپە گالى جېجياڭ يىۋۇ، قومۇل، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، كورلا، تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق 18 ۋىلايەت، شەھەردە ۋاكالىتەن سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلدى، ھازىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.