باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو جىن لىچۈننى ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ باشلىقى نامزاتىغا كۆرسەتتى

2015.07.07 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 6-ئىيۇل مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىنىشىچە، 29-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ بانكىسى (ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى) قۇرۇش ئالاھىدە مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى باشلىقى نامزاتىنى تاللاش تەرتىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جىن لىچۈننى ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى جۇڭگو تەرەپ نامزاتلىقىغا رەسمىي كۆرسەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، جىن لىچۈن نۆۋەتتە ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كۆپ تەرەپ ۋاقىتلىق كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن بانكا باشلىقى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش نازارەتچىسى، جۇڭگو خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا، خەلقئارا ئورگانلاردا ۋە خۇسۇسىي تىجارەت ئورۇنلىرىدا رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسى مول ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر