باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تەشكىللەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.06.08 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جەنۇب شەھەر گېزىتى» 7-ئىيۇن «مۇخبىر باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بېرىدىغان شايكىغا يۇشۇرۇن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىنى يوشۇرۇن ئېنىقلاپ، رايون ھالقىغان شايكىنى پاش قىلدى» دېگەن تېمىدىكى خەۋىرىدە مەلۇم شايكىنىڭ جياڭشىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشنى تەشكىللىگەنلىك ۋەقەسىنى خەۋەر قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جياڭشى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى بىلەن ئۆلكىلىك مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن مەزكۇر ئىشنى تېز ئېنىقلاپ ئەھۋالنى دەلىللەشنى تەلەپ قىلدى ھەم ج خ مىنىستىرلىقىنى يەرلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېتكا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئىمتىھاننى باشقۇرۇش كۈچلۈك بولماسلىق، بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بىردەك قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش، قەتئىي رەھىم قىلماسلىقنى تەكىتلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر