- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگونىڭ لىبېرىيەدىكى 558 خادىمى ب د ت نىڭ تىنچلىق ئوردېنىغا ئېرىشتى
2015.06.09 09:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگونىڭ 17-تۈركۈمدە لىبېرىيەگە بېرىپ تىنچلىق ساقلاشقا قاتناشقان قىسمىغا ئوردېن بېرىش مۇراسىمى شۇ جاي ۋاقتى 4-ئىيۇن لىبېرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سۇدېرۇ قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى تارماق ئەترىتىنىڭ گازارمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭ ھەربىي رايونى 27-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى مەلۇم قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى پولكى، ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونى مەلۇم ئاپتوموبىل پولكى ۋە ئازادلىق ئارمىيە 251-دوختۇرخانىسىدىن بارغان 558 ئوفىتسېر-ئەسكەرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ئوردېنى بېرىلدى.
جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بۇلتۇر 11-ئايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان، لىبېرىيەدە ئېبولا ۋىرۇسى يامراپ كەتكەن كەسكىن ۋەزىيەتتە ئۆزىنى ياخشى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلۇش كاپالىتى، ئەشيا توشۇش ۋە داۋالاپ قۇتقۇزۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئورۇنلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر