خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى يۇقىرىقى موللازادە كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىھقانلارنى ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىشقا يىتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. ھازىر بۇ كەنتتە 300 مو كۆلەمدە سورتلۇق گېلاسلىق باغ بەرپا قىلىنىپ، يىللىق سېتىپ چىقىرىش كىرىمى 2 مىليۇن 800 مىڭ يۇەنگە يىتىپ، گېلاسلىق باغ بەرپا قىلغان 150 ئائىللىكنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 20 مىڭ يۇەندىن توغرا كەلدى
سۈرەتتە: دىھقانلار گېلاس ئۈزمەكتە
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى