باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن مەملىكەتلىك يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2015.06.09 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 5- ۋە 6- ئىيۇن خاڭجۇدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار ئىستىھكاملىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كاپالەتلىك كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى قەتئىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك. ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش- پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى رەھبەرلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى سىياسىي يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن فاڭجېن سىياسەتلىرىنىڭ يېزىلاردا يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تىپىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىش ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كەنت دەرىجىلىك ھەر خىل تەشكىلاتلارغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇل بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، كەنت دەرىجىلىك باشقا تەشكىلاتلارنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش- ئاساسىي قاتلاملارنى دېموكراتىك باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ليۇ يۈنشەن يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتا مۇھىمى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۈلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ لىجى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر