خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋرى ۋە فۇتۇسى: پوسكام ناھيەسى يىقىنقى ئۇچ يىلدىن بۇيان ناھيە تەۋەىسىدىكى 16-يېزا،بازار ۋە 140 قا يىقىن ئاساسى قاتلام كەنىت بازا قۇرۇلىشىنى ياخشىلاشقا بىرلەشتۇرۇپ، يېزا،بازار، كەنىتلەردە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋىرسال خىزمەت پونكىتىنىڭ ئومۇملىششىنى %100 كە يەتكۈزۇپ، ئاممىنىڭ يەر، سۇ، ئىلىم-سىتىم، ھەق-تەلەپ، ئائىلە، نىكاھ قاتارلىق ئىشلىرىدىكى ھەرخىل زىدىيەت، سۇركىلىش ۋە تالاش تارتىش ماجىرالىرنى كەنىتتىلا مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جەمىئەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۇش بىلەن بىللە كىشىلەرنىڭ يۇقۇرى ئاتلاپ، ئەرىز –شىكاھيەت قىلىشنىڭ ئۇنۇملۇك ئالدىنى ئالدى، ئىگىلىنىشچە پوسكام ناھيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋىرسال خىزمەت پونكىتلىرى بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئاينىڭ 5-كۇنىگىچە ھال ئەۋال ئىيتىپ كەلگەن 63 مىڭ ئادەم(قىتىم)ئاممىنى كۈتىۋىلىپ، ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان تۇرلۇك مەسىللەردىن 4108 نى ۋاقتىدا تەكشۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.
سۇرەتتە :كۇيباغ يېزىسىنىڭ قەمبە كەنىت كادرىلىرى كەنىتنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پۇنكىتىدا ھال ئەۋال ئىيتىپ كەلگەن ئامما بىلەن پىكىرلەشمەكتە
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى