باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار 2015-يىللىق بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر بالىلار 1-ئىيۇن سەيلە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2015.06.08 16:20   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار 2015-يىللىق بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر بالىلار 1-ئىيۇن سەيلە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار بېيجىڭ جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسىدا «خۇشال بالىلىق، پاراسەتلىك ھايات» تېمىسىدا «2015-يىللىق بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر بالىلار بىرىنچى ئىيۇن سەيلە پائالىيىتى» ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بېيجىڭ روزىباي يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى، جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسى، بېيجىڭ يەتتە رەڭ كېپىنەك باغچىسى ۋە شىنجاڭ گوتەي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆتكۈزۈشكە ياردەملەشتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى كارخانا تەرەققىيات بۆلۈمى پىلانلاپ ئۆتكۈزدى.


  ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسىدا ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسى دۆلىتىمىزدىكى 56ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقى، گۈللەپ ياشنىشىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، بۇنداق مىللىي مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك بولغان باغچىدا بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەندە كىچىك دوستلارغا ۋەتىنىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە پەرقىنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئۇنىڭدىن زوقلىنىدىغان قاراش ۋە ئاڭنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدىكەن.


  بۇ قېتىملىق پائالىيەت بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر بالىلارغا خوشال ھەم ئەھمىيەتلىك بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ مەركىزىي نۇقتىنى چۆرىدەپ، مول مەزمۇنلۇق 7تۈرلۈك بالىلار قىززىقارلىق تەنھەرىكەت تۈرى، 5تۈرلۈك بىلىمنى كېڭەيتىش مەشقى تۈرى ۋە 5تۈرلۈك ھاياتلىق تەلپۈنۈشى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خوشال ئىللىق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ سەھنە جابدۇقلىرى بالىلار دۇنياسىغا يېقىنلاشتۇرۇلۇپ لايىھەلەندى، خىزمەتچى خادىملار كارتون ئوبرازلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ھەر تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئۇيۇشتۇردى. بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە بالىلارنىڭ بۇ قېتىملىق بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە بولغان يېتەكچىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش ئۈچۈن، ئىككى نەپەر بالا ۋە چوڭلارنى بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان بولىلار خوشاللىق ئىچىدە ھەرخىل ئويۇن ۋە نومۇرلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، پائالىيەت كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.


  پائالىيەتنىڭ ئىككى باش پىلانلىغۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم بۇلتۇرقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىدا ھەرخىل ئويۇنلار، كېڭەيتىش مەشقى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەر ۋە مەزمۇنلار قوشۇلغان، رەڭدار مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ئارقىلىق، بالىلارغا خوشاللىق بىلەن ئوينايدىغان سەھنە ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆگىنىش يۈكى ۋە بېسىمىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئىلھاملاندۇرىدىغان ئازادە ئويۇن نومۇرلىرى ئىچىدە مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇتۇپ، بىلىپ ئۆگىتىپ، ئەقىلنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك بالىلىق ئەسلىمىسى قالدۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈمىد قىلىنغان.


  بەختلىك ھايات خوشال بالىلىقتىن باشلىنىدۇ، بالىلىق خوشال ئۆتكەندە، چوڭ بولغاندا مۇكەممەل پىسخولوگىيەلىك روھقا ئىگە بولىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەخىت تۇيغۇسى بارلىققا كېلىدۇ. ئەكسىچە ئەگەر بالىلىقتا بەك كۆپ ئوڭىشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، كەمسۆز بولغاندا، چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ روھىي كۆلەڭگە بولۇپ قالىدۇ، بەخت تۇيغۇسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. بۈگۈنكى جەمئىيەتتە رىقابەت كۈچلۈك، ھەربىر ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ باشلىنىشتىلا يېڭىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، بۇ شەكىلسىز ھالەتتە بالىلارغا ئارتۇق بېسىم قىلىدۇ، بىراق ئويناشنىڭ ئەسلى بالىلارنىڭ ئىمتىيازى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ. مۇۋاپىق بولغان ئويناش بالىلارنىڭ جىسمانىي روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ قېتىمقى پائالىيەت بالىلارغا بىر قېتىملىق «ئۆزىنى ئونۇتقان ھالدا» ئىختىيارىي ئوينايدىغان پۇرسەت ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.


  قىززىقارلىق ئويۇن تۈرلىرى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىيىتىگە بەكمۇ ماس كەلگەن، ھەربىر تۈر بالىلارنىڭ قەلبىدىكى قىزغىنلىق ۋە غەيرەتنى ئۇرغۇتتى. پائالىيەتكە قاتناشقانلار بالىلارنىڭ نومۇر ئورۇنلىغاندا ئىنتايىن ئەستايىدىل ھەمدە كىرىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر بىرلىكتە قاتناشقان مۇسابىقىلەردە بالىلارنىڭ غەلبىگە بولغان تەقەززاسى ۋە ئاتا-ئانىسىغا بولغان كۈچلۈك تەلەپچانلىقى ئارقىلىق بالىلارغا بىر كۈنلۈك مۇستەقىل ۋە يېتەكچىلىك روھىنى ھېس قىلدۇردى.


  قىززىقارلىق پائالىيەتلەردىن باشقا، بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئۇستىلىق بىلەن لايىھەلەنگەن بىر قىسىم بىلىم كېڭەيتىش خارەكتىرىدىكى مەشىق نومۇرلىرىمۇ بالىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى تونۇتتى ۋە ئۆگەتتى. «ئۇيغۇر مەشھۇر كىشىلىرىنى تونۇش»، «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئېيتىشىشى» قاتارلىق ئاددىي ھەم قىززىقارلىق بىلىم مۇسابىقىسى نومۇرلىرى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش قىززىقىشى ۋە قىزغىنلىقى ئاشتى. «ئۇسسۇل ئۆگىنىش» قاتارلىق نومۇرلار بىلەن بالىلارغا ئۇيغۇر ئۇسسۇلىرى ۋە ناخشا-مۇزىكىلىرى ئۆگىتىلىپ، بالىلارنىڭ مىللىي سەنئەتكە بولغان مېھرى چوڭقۇرلىدى. پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئادەتتە ئىلغار مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش، ئىلھام ئېلىش، لاياقەتلىك مەدەنىيەت ۋارىسى، يۈكسەلدۈرگۈچىسى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىلىم-پەن ۋە ئىلغار مىللىي مەدەنىيەت بالىلارنىڭ قەلبىگە بىللە سىڭدۈرۈلدى.


  بۇنىڭدىن باشقا، تەبئىيەتكە يېقىنلىشىش، چۈشىنىشمۇ بالىلار تولۇقلاشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، بالىلارغا تەبئىيەتكە يېقىنلىشىش ۋە سىڭىپ كىرىش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ يەتتە رەڭ كېپىنەك باغچىسى بالىلارغا ھەرخىل كېپىنەكلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى بالىلارغا نامايان قىلىپ تونۇشتۇردى ھەمدە پەرق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتى. ئارقىدىن بالىلار يەتتە رەڭ كېپىنەك باغچىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە 50تال كېپىنەكنى تەبىئەت قوينىغا قويۇپ بېرىپ، كېپىنەكلەرنىڭ يېشىللىق ئارىسىدا پەرۋاز قىلىشىنى كۆردى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، بالىلار ھەرخىل كېپىنەكلەرنى ۋە كېپىنەكلەرنىڭ ئادىتىنى تونۇدى ھەم چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى، ھايۋاناتلارنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ئۇلارنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. 50تال كېپىنەك خۇددى بالىلارنىڭ سەبىي گۈزەل قەلبىدەك، بوشلۇقتا ئەركىن پەرۋاز قىلدى.


  ئەقلىي ۋە جىسمانىي پائالىيەتلەردىن كېيىن، بالىلار خوشال بولۇش بىلەن بىرگە بىرئاز ھارغان بولسىمۇ، خوشاللىق ئىزدەش قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى، ئاخىرىدا سۇ چېچىشىش باسقۇچى تېخىمۇ بالىلارنى جەلپ قىلدى. ھەممە بالا قوللىرىدا بىردىن سۇ تاپانچىسى ئېلىپ ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا سۇ چېچىش ئويۇنىغا قاتنىشىپ، چەكسىز خوشال بولۇشتى.

  ئۆسمۈر بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، ئۆسمۈر بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش جەمئىيىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز مائارىپىدىكى مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر بولۇش مەسىلىسى جامائەت پىكرىنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولۇپ، مائارىپ تارماقلىرى ھەل قىلىشقا بەل باغلىغان مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش پەقەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالماستىن، يەنە پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك بولغان مەسىلە. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار توغرا بولغان مائارىپ قارىشى تىكلەپ، بالىلارنىڭ نورمال ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان، دۇنيانى كۆزىتىدىغان، كىتابتا يوق بولغان بىلىم ۋە مەدەنىيەتنى ئۆگىنىدىغان ۋاقىت ۋە بوشلۇق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.


  زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ بۇرچى يەنىمۇ كۆپەيدى. رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان جەمئىيەتتە زامانىۋىي ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاساسىي ئېقىمدىكى جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش قەدىمىگە يېتىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلغىلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ قېتىملىق پائالىيەت بالىلارغا سىرتقىي دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئازادە مۇھىتتا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېس قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، بالىلار قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ