باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شەرق يۇلتۇزى پاراخوتىنى قۇتقۇزۇشقا 3424 ئادەم قاتناشتى

2015.06.09 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنغىچە، «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتكەن قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بولۇپ جەمئىي 3424 ئادەم، 1745 زاپاس خەلق ئەسكىرى، بىر ھاۋا ئارمىيە تىك ئۇچارى، 149 قۇتقۇزۇش كېمىسى، 59 قۇرۇلۇش ماشىنىسى سۇ يۈزى، سۇ ئاستى، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى.

  ۋەزىپە تەقسىماتى جەھەتتە، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ غەۋۋاسلىرى پاراخوتنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ ساھىلى، سۇ يۈزى ۋە سۇ ئاستىدا ئىزدەشكە مەسئۇل بولدى، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى پاراخوت ئەتراپىدىكى سۇ ساھىلىدا ئىزدەش ھەرىكىتىدىن باشقا يەنە پاراخوت، سۇ يۈزى، سۇ ئاستىدا ئىزدەش ھەم داۋالاش، يۇقۇمدىن ساقلىنىش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولدى. ھاۋا ئارمىيە تىك ئۇچارى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن تۆۋەن ئېقىمىدىكى 30 كىلومېتىرغىچە بولغان دائىرىدىكى دەريا يۈزىدە ھاۋادىن ئىزدەشكە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر