باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى: جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئارقىلىق ئالاقىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرىمىز

2015.06.09 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋمېندا ئېچىلىۋاتقان 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇش باشلىقلار مۇنبىرىدە بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى: جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئارقىلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىمىز، دېيىشتى.

  پولشا چەتئەل مەبلەغ سېلىش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى نىجىچۈنىك مۇنداق دېدى: پولشا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ۋە تۆمۈر يول قاتنىشىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان، پولشا جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىر بەلباغ، بىر يول پولشانىڭ تۈگۈن بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  كامبودژا ئاممىۋىي قۇرۇلۇش ۋە تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى لىن سەيتېن مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يولدا تەسىس قىلىنغان ئىقتىسادىي كارىدور كامبودژا بىلەن بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنى بىربىرىگە چەمبەرچاس باغلايدۇ، يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كامبودژانىڭ دۇنياغا تېخىمۇ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  بىرمىنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى ۋۇ جۆلۈن مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيا ۋە ئاسىيا، ئافرىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تەرەققىيات تەشەببۇسى، بۇ تەشەببۇس ئالدى بىلەن دۆلەت ھالقىغان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا، جۈملىدىن تۆمۈر يول، تاش يول قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ، مەيلى قۇرۇقلۇق يولىدا بولسۇن، ۋەمەيلى سۇ يولىدا بولسۇن، بىز بۇ تەشەببۇس ئارقىلىق ئالاقىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرىمىز.

  جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا سۆھبىتى بويىچە مۇئاۋىن ۋەكىلى جاڭ شياڭچېن مۇنبەردە مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ھازىر يىپەك يولى بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىۋاتىدۇ، يىپەك يولى فوندى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھە ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرى مۇقىم يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە ئېرىشكەن بۇ نەتىجىلەر بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى نامايان قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر