خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاقئۆستەڭ يېزىسى 5- ئىيۇن يېزا بويىچە 2015 – يىللىق « سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى »نى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان ئىنقىلابى ناخشا ئېيىتىش مۇسابىقىسى .ئۆتكۈزۈلدى.
مۇسابىقىگە يېزا ئورگان ، پونكىت ، ، مەكتەپ , كەنتلەردىكى كادىر , دېھقان ، ئوقۇتـقـۇچى , ئوقۇغۇچى , جەمئىيەت ياشلىرى ۋە ئاياللار ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن 19 كوماندىدىن 1000 گە يېقىن ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، « ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى » ، « ۋەتىنىمىزنى كۈيلەيمىز » ، « سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ناخشىسى» قاتارلىق كىشىلەرنى ھوزورلاندۇرۇدىغان مىللىي ئالاھىيىدىلىككە ئىگە ناخشا – مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىناق ، ئىتتپاق بولغان گۈزەل يۇرت – ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى .مۇسابىقە ئاخىردا يەتتە كوماندا ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى .
سۈرەتتە: « سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى » ناخشا ئېيىتىش مۇسابىقىسىدىن كۈرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى