باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان بىلەن بېنگال ئۆز چېگراسى ئىچىدىكى قارشى تەرەپ زېمىنىنى قايتۇرۇپ بەردى

بەش تۈمەندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قايتا بېكىتىلىدۇ

2015.06.08 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ھىندىستان زوڭلىسى مودى بېنگالنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، 6-ئىيۇن ئىككى دۆلەت قۇرۇقلۇق چېگراسى كېلىشىمى تەستىقنامىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان قۇرۇقلۇق چېگرا نىزاسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلدى.

  ھىندىستان بىلەن بېنگالنىڭ تۆت مىڭ كېلومېتىردىن ئارتۇق ئورتاق قۇرۇقلۇق چېگراسى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ماجراسى 1947-يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندا قالغان تارىخىي مەسىلە بولۇپ، ئىككى دۆلەت چېگراسى ئىچىدە باشقۇرۇش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە تەۋە نۇرغۇن زېمىن ۋە پۇقرا بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارقىلىق بىۋاستە ئۆتكىلى بولمايدۇ، قارشى تەرەپ چېگراسى ئىچىدىكى زېمىنغا قۇرۇقلۇق بىلەن بىۋاستە ئۆتكىلى بولمىغاچقا، پەقەت ھاۋا يولى بىلەنلا ئۆتىدۇ، بۇنداق زېمىنلار «ئۇچار زېمىن» دەپ ئاتىلىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن، ھىندىستان ئۆزىنىڭ بېنگال تېرىتورىيەسى ئىچىدىكى 111پارچە زېمىنىنى بېنگالغا بېرىدۇ، بېنگالمۇ ئۆز تېرىتورىيەسى ئىچىدىكى 51پارچە زېمىنىنى ھىندىستانغا بېرىدۇ. بۇ زېمىنلاردىكى پۇقرالارمۇ ئۆزىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى قايتىدىن بەلگىلەيدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر