خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) 6–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:30 دا جۇڭگو A دەرىجىلىك پۇتبول كوماندىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 12 – ئايلانما مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا كۆكخوت «جۇڭيو» كوماندىسى بىلەن كەسكىن ئېلىشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 11 مىنۇتتا كۆكخوت «جۇڭيو» كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» نى سەل تەمتىرىتىپ قويدى، 1 – مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 10 - نومۇرلۇق ماھىرى داناراخ بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. 2 – مەيدان مۇسابىقە ئەمدىلا باشلىنىپ 10 مىنۇت بولماي شىنجاڭ كوماندىسىدىن 30– نومۇرلۇق ماھىر شاۋكەت بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى 2:1 قىلدى. 2 – مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ ۋارىتارى ئالدىدا يەنە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ دانالاخ ۋارىتارغا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن مەيدان رېپېرى بۇنى ئوفسايد توپ دەپ ھېساب قىلمىدى. 2 – مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا بەش مىنۇت قالغاندا كۆكخوت «جۇڭيو» كوماندىسى ماھىرى شىنجاڭ كوماندىسى مۇداپىئەسىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى 2:2 قىلدى. «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كوماندىسى كۆكخوت «جۇڭيو» كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى.
ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخانا مەيداندا جياڭشى «ليەنشېڭ» كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ بىر نومۇرغا ئېرىشكەنىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئايلانما مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا ئالدىنقى پەسىللىك B دەرىجىلىك كوماندىلار مۇسابىقىسىدىن ئۆرلەپ چىققان كۆكخوت «جۇڭيو» كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. ئۆز مەيدانىدا ئاساسەن ئۇتۇپ كەلگەن شىنجاڭ كوماندىسى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىشنى ئويلىغان، مەيداندىكى نەچە مىڭ شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرىمۇ شۇنداق ئويلاۋاتاتتى. كۆكخوت «جۇڭيو» كوماندىسى ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە «خۇاڭخەي دورىچىلىقى» كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، سەل ھارغىندەك كۆرۈنەتتى. بۇ قېتىم شىنجاڭ ساھىپخانا مەيدانغا كېلىشىدە خېلى بېسىم قىلغانىدى، ئىككى مەيدان كەسكىن ئېلشىشتىن كېيىن كۆكخوت «جۇڭيو» كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ بىر نومۇرغا ئېرىشتى، بۇ خۇددى كۆكخوت «جۇڭيو» كوماندىسى باش ترېنېرى ۋاڭ بو مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دىگەندەك «شىنجاڭلىقلار بىزگە ئامەت ئېلىپ كەلدى».
مۇسابقە تۈگىگەندىن كېيىن شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى لى جۈن ئولتۇرغان ئورنىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە قوپمىدى. ئۇنىڭ كەينىدىدىكى ئورۇندا تۇرغان نەچچە يۈز پۇتبول مەستانىلىرى يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنى «ئورنۇڭنى بوشات» دەپ توۋلاۋاتاتتى. 6 – ئىيۇن «تەڭرىتاغ يىلپىزى» ئاغزىدىكى چوڭ گۆشدىن ئايرىلىپ قالدى.
مەنبە: خەلق تورى