- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدىكى تۆت يول بۆلىكىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلىدە قاتناشقا دەۋرلىك چەك قويۇلىدۇ
2015.06.08 15:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 4-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلىدە مەزكىزىي شەھەردىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى مۇھىم يول ئېغىزى ۋە يول بۆلەكلىرىدە «مېھىر-شەپقەت ئەترىتى» ئورۇنلاشتۇرۇپ، چارلاش ئاپتوموبىلى، ساقچى موتوسىكلىتى بىلەن ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.
ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ غەربىي يېنىدىكى گۇاڭخۇا يولى، شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىل بازىرى كوچىسى، شەھەرلىك 70-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدىكى نەنۋېي 1-يولى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدىكى يىنجۇ يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە ئىمتىھان باشلانغاندا قاتناشقا چەك قويۇلۇپ، ئىمتىھان ئاياغلاشقاندا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر