خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:كۈنجۈت كىردىتى بۈگۈن بېيجىڭ ۋە خاڭجۇدا « ئادەمسىز تاللا بازىرى » نى سىناق قىلدى. تاللا بازىرىدا مال ساتقۇچى يوق، نەرسە سېتىۋېلىش، پۇل تاپشۇرۇش ھەممىسىنى خېرىدار ئاپتوماتىك تاماملىنىدىكەن. پۇل تۆلەش ياكى تۆلىمەسلىك، قانچە پۇل تۆلەشنىڭ ھەممىسىنى خېرىدار ئۆزى قارار قىلىدىكەن. ھەتتا پۇل تۆلىمەي نەرسىنى ئېلىپ ماڭسىمۇ توسىدىغان كىشى يوق ئىكەن. كۈنجۈت كىرىدىتىنىڭ مەسئۇلى بۇ ئاددىي تەجرىبە ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئىناۋەتنىڭ كۈچى بىلەن ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى