باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى

2015.06.08 15:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ 2015 – يىللىق مائاشىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى سىزىقى ئېلان قىلىنغان. ئىشچى – خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى %13بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەم ئەمگەك كۈچى تەننەرخى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2015 – يىللىق كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى سىزىقى››نى ئېلان قىلغان. بۇ كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى مائاشىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى سىزىقى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ھەر قايسى رايون (ناھىيە) لاردىكى دۆلەت ئىلكىدىكى، كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى، پاي تۈزۈمىدىكى، چەت ئەل مەبلىغىدىكى، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارغا ماس كېلىدىكەن. ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى 2015 – يىللىق كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى مائاشىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى سىزىقىنى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى››غا تەتبىقلىغان ھالدا، كارخانىلار مائاشىنى تەڭشەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەھۋالىغا يېتەكچىلىك قىلىش، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىش قاتارلىق ئۈسۇللار ئارقىلىق، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر