باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دورا باھاسى قويىۋېتىلگەندىن كېيىن، شىددەت بىلەن ئۆستى!» دېگەن خەۋەرنى خاتا چۈشەنمەڭ!

2015.06.08 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا يۈرەك كېسىلىگە ئىشلىتىلىدىغان دورا «دىگوشىن»نىڭ باھاسى «10 ھەسسە ئۆستى» دېگەن خەۋەر جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بەزىلەر بۇنىڭدىن بەكمۇ ھەيران قالدى. بۇنى دۆلەتنىڭ 1-ئىيۇندىن باشلاپ تۆۋەن باھالىق دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىسلاھاتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە، «دىگوشىن» باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن دۆلەتنىڭ دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشى ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق مۇناسىۋەت يوق، بۇنى خاتا چۈشىنىشكە بولمايدۇ.

  «دىگوشىن» نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاز، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇنى تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزگەن، 2014-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، تىزىملىككە كىرگەن تۆۋەن باھالىق دورىلار ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ھەق ئۆلچىمى-- خىمىيەلىك دورىلار 3 يۈەن، جۇڭگو تىبابىتى تەييار دورىلىرى 5 يۈەن بولۇش دائىرىسى ئىچىدە، دورا ئىشلەپچىقارغۇچىلار تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن كونكرېت باھا بېكىتىشنى يولغا قويغان. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، mg0.25×100 ئۆلچەمدىكى دىگوشىن 6.7 يۈەندىن 68 يۈەنگە ئۆسكەندىن كېيىن، كۈندىلىك ھەق ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئاشمىغان. بۇ دورا باھاسى ئىسلاھاتى بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز ئىش ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر