باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: نوپۇس تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2015.06.08 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يادرولۇق كۆز قاراش: جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ ئوبزورچىسى لياڭ يۈ: «ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان نوپۇس تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، <خەلقنىڭ ئازاد بولۇشى>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك»، دەپ قارىدى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىغىندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان نوپۇس تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق شەرتلەرنى ھازىرلاش تەلەپ قىلىندى.

  ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا زور ئۈمىد باغلاندى، چۈنكى ئۇ بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ھالقا ئىختىساسلىقلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان «چىتلاق» لارنى بۇزۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى تىلغا ئالغىنىدا «ئىختىساسلىقلار ئەل ئىچىدە، پۇرسەت بەرسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ»، دېگەنىدى. بۇ قېتىملىق گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان نوپۇس تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، «خەلقنىڭ ئازادلىقى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ پاتېنتنى قىلماستىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر