خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) نيۇيوركتا 200دىن ئارتۇق قانۇن ئىجراچىسى 8-ئىيۇن نيۇيوركتىكى مۇداپىيەسى ئەڭ قاتتىق بولغان تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن ئىككى قاتىلنى داۋاملىق قوغلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنىڭ 100مىڭ دوللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھۆكۈمەت تەرەپ قاچقۇنلارنىڭ شېرىكى بارلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، 8-ئىيۇن ساقچى تەرەپ قاچقۇنلارنىڭ شېرىكى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان تۈرمىدىكى بىر ئايال خىزمەتچىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى