خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 11 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى): يېقىندا، كورلا شەھەرلىك مېھرىبان ئانىلار جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر ئانا» نىڭ بىرى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» كورلا شەھەر بويىچە «گۈزەللەشتۈرۈش ۋەكىلى»،« كورلا شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان ئىلغار شەخس» شەرىپىگە ئېرىشكەن يولداش ھەمراخان خالىقنىڭ باشچىلىقىدىكى مېھرىبان ئانىلار كورلا شەھىرىنىڭ يېڭشەھەر، تېكىچى، ۋە شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 30 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 100 يۈەندىن جەمىئى 3000 يۈەن قىممىتىدە ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىپ بەردى. ھەمدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنى كورلا شەھىرىنىڭ تەرەققىيات رايونى، كۆنچى باغچىسى، كاككۇك دەريا ساھىلى قاتارلىق جايلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. كورلا شەھەرلىك مېھرىبان ئانىلار جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەمراخان خالىق سۆز قىلىپ: بىز بۈگۈن كورلا شەھىرىگە قاراشلىق بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 30 نەپەر ئوقۇغۇچىنى بىر جايغا جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشىغا مەدەت بېرىش يۈزسىدىن ئازغىنە كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلدۇق، بىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىمىز، مانا مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە، تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
يېڭشەھەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى قەدىرىيە ئۆمەر بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن، كورلا شەھەرلىك مېھرىبان ئانىلار جەمىيىتىدىكى ھەدىلىمىز بىزنىڭ بۇندىن كېيىن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇش قوراللىرى ياردەم قىلغانلىقىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولدۇق، بىز چوقۇم تىرىشپ ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويماي ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.سۈرەتتە: ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى