خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا، خەلقئارا تەبىئەت ۋە ياۋايى ھايۋانلار فوتوگراف جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارالىق ياۋايى ھايۋانلار فوتوگرافىيە مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياقلاشتى، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە نەچچە يۈز ئادەم قاتناشتى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ئەسەرلەر ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تۇرۇپ، چوڭ ـ كىچىك ھايۋانلار، شىر، چاشقان، توشقان، كەسلەنچۈك، قۇرت قاتارلىقلار كىشىلەرگە ھېسسىي جەھەتتىن سىلكىنىشلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.