- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاق ساراي: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدۇ
2015.06.11 16:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ئاق سارىيىنىڭ باياناتچىسى ئونېست تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا بەزى ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدۇ.
ئونېست مۇنداق دېدى: گەرچە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ بەزى ساھەلەردە ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشماقتا. جۇڭگو ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە ئىزچىل ئىجابىي ۋە مۇھىم قاتناشقۇچى بولۇپ كەلدى، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى باشقا ئەزالار بىلەن ئىجادىي ھەمكارلاشتى، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر