- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ سەۋىيەسى ئۆسمەكتە
2015.06.09 09:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى 4-ئىيۇن بېيجىڭدا «2014-يىللىق جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى داۋاملىق تەكشى ئۆسكەن، لېكىن بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇھىتىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن. دوكلاتقا قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئومۇمىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدە، شەرق، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا تەدرىجىي پەلەمپەيسىمان ئازىيىش يۈزلىنىشى پەيدا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر