باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ‹‹كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›› نى تارقاتتى

2015.06.10 20:01         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹بەلگىلىمە›› دېيىلىدۇ) نى تارقاتتى ھەم ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ‹‹بەلگىلىمە››دە مەركەزنىڭ كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى تەلىپىنىڭ روھىغا ئاساسەن، كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي تۈزۈمى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزاندۇر. ‹‹بەلگىلىمە››نى تارقىتىش، يولغا قويۇش كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئورۇن رەھبەرلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا جايلار، تارماقلاردىن مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹بەلگىلىمە››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆلچەم، شەرتنى چىڭىتىپ، تاللاپ ئۆستۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. مەركەزنىڭ تەلىپىنىڭ روھىغا ئاساسەن، كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى ياكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، كەسىپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەھبەرلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇپ، مەركەز روھىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلاردا ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر