باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شەرق يۇلتۇزى»دا قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا

2015.06.09 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن «شەرق يۇلتۇزى»ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ 13-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

  خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى پىڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئائىلە تەۋەلىرىنى كۈتۈۋېلىش جەھەتتە، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە بىرمۇ بىر مۇلازىمەت قىلىندى، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۈرۈش، داۋالىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، 6-ئىيۇن سائەت 16گىچە، خۇبېي ئۆلكىسى 387 قازا قىلغۇچىنىڭ جەستىنى تاپشۇرۋالدى، DNA ئەۋرىشكىسى ئېلىنىپ بولدى، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى جەسەتلەر خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جيەنلى ناھىيەسى، خۇڭخۇ شەھىرى، جاڭلىڭ ناھىيەسىدىكى دەپنە ئىشلىرى باشقۇرۇش ئورنىغا يۆتكەلدى. ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش خىزمىتىمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر