باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان ھۆكۈمىتى ئارمىيەنىڭ ئالسالېھ رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇق بەردى

2015.06.05 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن قىسىمنىڭ بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تېررورچىلارنىڭ قولىدىن لىۋاننىڭ شەرقىي ۋە سۇرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان ئالسالېھ رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇق بېرىشىنى قارار قىلدى.

  لىۋان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋان ئارمىيەسى شۇ كۈنى قوراللىق ئۇنسۇرلار توپلاشقان ئالسالېھ تاغلىق رايونىدىكى توپقا تۇتۇش ۋە راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى داۋاملىق بازا تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى قوللاش فرۇنتى بېسىۋالغان ئالسالېھدىكى بەزى تاغلىق رايونلارغا ھۇجۇم قوزغىغان ھەمدە بەزى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك جايلارنى قايتۇرۇۋالغان.

  سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن سۇرىيە بىلەن لىۋان چېگراسىدىكى رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئىسلام دۆلىتى ۋە قوللاش فرۇنتى قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى سۇرىيە ئارقىلىق لىۋانغا كىردى ھەمدە ئالسالېھ قاتارلىق چېگرا رايونلاردىكى بەزى رايونلارغا ئورۇنلىشىپ لىۋاندىكى ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە خەلق نىشانلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، نۇرغۇن ھەربىي ۋە پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر