باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ 13-بەش يىللىق پىلانغا ئەقىل كۆرسىتىش مەخسۇس يىغىنىغا قاتناشتى

2015.06.09 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى 5-ئىيۇن بېيجىڭدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىساد ئەربابلىرىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانغا ئەقىل كۆرسىتىش مەخسۇس سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۈلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا، ئىچكى موڭغۇل يىلى بايلىق گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ ۋېنبياۋ، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى مايۈن قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى. ئۇلار كارخانا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە سۈپەت، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ بەردى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 13-بەش يىللىق پىلانغا يۈزلەنگەندە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خەتەرلەرنىڭ خىرىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرھال يۇقىرى سەۋىيەگە كۈچەپ يۈرۈش قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىچىلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كارخانىچىلار روھى، كارخانىچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ئاشۇرۇش نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئىدىيە-سىياسىي ساپانى كارخانىچىلار ساپاسىنىڭ ئىچكى ئامىلى قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر