- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقئارا جەمئىيەت شەرق يۇلتۇزى پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن جۇڭگودىن ھال سورىدى
2015.06.05 16:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2-ئىيۇندىن 4-ئىيۇنغىچە، بىر قىسىم دۆلەتلەر، خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى شەرق يۇلتۇزى يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۈنھى، پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى سىلۋا، بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو قاتارلىقلار ئايرىم ئايرىم تېلېگرامما ئەۋەتىپ رەئىس شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
بۇندىن باشقا، ھىندىستان زۇڭلىسى مۇدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى موغىرىنى ھەمدە ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئاۋسترالىيە، ئافغانىستان، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە گىۋىنىيە بىسسائو قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە جۇڭگودىن سەمىمىي ھال سورىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر