باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى: ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى قاتناش مۇھىتى يارىتىپ بېرەيلى

2015.06.09 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىلدا بىر ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان مەيدانلىرىغا بارىدىغان يوللار بولۇپمۇ ئىمتىھان مەيدانلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتناش تەرتىپىنى قوغداپ ھەمدە قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان 9 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان مەيدانلىرىغا بېرىشىغا ياخشى قاتناش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، شارائىتى بار شەھەرلەر ئاساسلىق يول ئېغىزلىرى ۋە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىش ئەترەتلىرىنى، ساقچى موتسىكلىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى، قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ياردەم بېرىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر