باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېرىس «MERS» كورېيەدە تېز تارقالدى، جۇڭگودىن كورېيە بارىدىغان %20 ساياھەتچى كورېيە ساياھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2015.06.08 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە ساقلىق ساقلاش، بەخت سائادەت مىنىستىرلىقىنىڭ 7- ئىيۇن خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى يىغىندا كېسىلى (MERS) كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار شۇ كۈنى 14 كە يىتىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاغرىق مۇشۇ كېسەل بىلەن قازا قىلغان. ھازىرغىچە كورېيەدە مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار 64 كە يىتىپ، بەش كىشى قازا قىلغان. كورېيە ساياھەت تەرەققىيات ئىدارىسى 7- ئىيۇن مۇنداق دېدى؛كورېيەدە ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئونىۋېرسال كېسىلى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئىككى مىليون چەت ئەللىك ساياھەتچى كورېيەگە ساياھەت كېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 5- ئىيۇنغىچە، كورېيەگە ساياھەتكە كېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان جۇڭگولۇق ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەتچىلىرى 20 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يىتىپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن %74.6 ئاشقان. ھازىر كورېيەدە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان يۇقۇم ئەھۋالى جۇڭگودىن كورېيەگە ساياھەتكە بارىدىغانلارنى ئەنسىرىتىپ قويغان. كورېيە ساياھەت ساھەسىدىكى خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، MERS يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگودىن كورېيەگە بېرىش ساياھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلار %20 كە يەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر