باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ ۋېيچۈن: مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوقاپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۆزئارا بەھىرلىنىش ئۈچۇندۇر

2015.03.12 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 11- مارت سائەت 9 دا مىدىيا مەركىزى كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ ۋېيچۈن، خۇاڭ جيېفۇ ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى خۇ شياۋيى، لى يەنخۇڭ، يۈ مىنخۇڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا توختالدى.

  جۇ ۋېيچۈن: بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى يولداشلار مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشىسا، ئاز سانلىق مىللەتلەر يوقاپ كېتەرمۇ؟ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز يوقاپ كېتەرمۇ؟ دەپ سەل ئەندىشە قىلدى. بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز. مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشىسا ئەنئەنە يوقاپ كېتىدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر يوقاپ كېتىدىغان ئىش يوق. ئارىلىشىپ ياشاش ھەر بىر مىللەتنىڭ ئىسىل مەدەنىيىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ھەر مىللەت ئورتاق ئىگە بولۇش، تەڭ ھوزۇرلىنىش، تەڭ پايدىلىنىشتۇر. دېمەك ئىلگىرىكى ياخشى سىياسەتلەردە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ۋەزىيەتىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن مۇھىم نۇقتا جەھەتتە ئاز تولا ئويلىشىشىمىز كېرەك. بۇلتۇر مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، مېنىڭچە بۇ يىغىندىكى مۇھىم روھ كەلگۈسىدە مىللەتلەر خىزمىتىمىزدە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە روھ، يىغىندا مىللەتلەر ئالاقىلىشىش ، بېرىش كېلىش قىلىش ، ئارىلىشىپ ياشاپ پىرىنسىپى قايتا تەكىتلەندى، شۇنداقلا ئالاقىدار سىياسەت يۆنىلىشلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مىللەتلەر خىزمىتىمىز مىللەتلەر خىزمىتى تاماقلىرىنىڭلا خىزمىتى ئەمەس، يەنە مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىگە چېتىلىدىغان تارماقلار مەركەزنىڭ بۇ روھىنى ئەستايىدىل تونۇشى ھەم بۇ روھنى ھەر ساھەدىكى مىللەتلەر خىزمىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر