باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يۈنشەن: مەسىلە چىققان كادىرلارنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك ئائىلە ئىستىلى ياخشى ئەمەس

2015.03.13 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- مارت ليۇ يۈنشەن شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا تەكىتلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى قۇرۇشتا ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈلگەن دېلولاردىن قارىغاندا، مەسىلە چىققان كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئائىلە ئىستىلى توغرا ئەمەس، ئائىلە تەربىيەسى قاتتىق ئەمەس، ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەسىرى يامان سۈپەتلىك ئايلانما بولۇپ، جەمەت خاراكتېرلىك دېلو، جەمەت خاراكتېرلىك چىرىكلىشىشنى شەكىللەندۈرگەن. ئائىلە ئىستىلى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئائىلە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى قۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە ئىستىلى گۈزەل ئەخلاقىنى جۇلالاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئائىلە ئىستىلى مەدەنىيىتى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنى ئائىلىلەردە يىلتىز تارتقۇزۇپ، تۇغقانلار ئارا يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىشىمىز لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر