باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەنىڭ جىڭگۇدىكى ئاپەت بولغان رايوندا چېدىرلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى

2014.10.13 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ چېدىرنى ئۇلاپ قوراشتۇرۇلغان ۋاقىتلىق سىنپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇغان ئاۋازى تىنىمسىز ياڭرايتتى، 11-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن يۈننەن ئۆلكىسى پۇئېر شەھىرى جىڭگۇ ناھىيەسى يوڭپىڭ بازىرى شىئې كەنتىدىكى چېدىرلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش باشلىدى.

  يۈننەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە زاپاس پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزيەسى ئۈچىنچى پوللىكىنىڭ كوماندىرى خۇ جيەنۋېي مۇنداق دېدى: قىسمىمىز 10-ئۆكتەبىر شىئې كەنتىگە بېرىپ، خەتەرنى تەكشۈرۈپ، چېدىر بىلەن ۋاقىتلىق سىنپ قۇرۇشنى قارار قىلدۇق، نەچچە ئون مىڭ ئوفېتسېر ئەسكەر بىلەن شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە يەر تۈزلەپ، چېدىر تىكىپ، بىر كۈندىلا چېدىرلىق باشلانغۇچ مەكتەپنى قۇرۇپ چىقتى.

  خۇ جيەنۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىئې باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۈچ يىللىقتىن بولۇپ جەمئىي 81 ئوقۇغۇچى باركەن، چېدىرلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە جەمئىي ئۈچ ئېغىز ۋاقىتلىق سىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى 81 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە پۈتۈنلەي يېتىدىكەن.

  شىئې باشلانغۇچ مەكتىپىىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لو جېڭخۇا مۇنداق دېدى: دەرس توختىغىنىغا بىرقانچە كۈن بولغان ئىدى، مەكتەپتىكى ئىشلىتىلگىنىگە 20 نەچچە يىل بولغان ئۈچ سىنىپنىڭ ھەممىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

  ئوفېتسىر ئەسكەرلەر چېدىردا سىنىپ ياسىغاندىن باشقا يەنە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن قولياغلىق تاشلاش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينىدى، ئوقۇغۇچىلارغا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئۆگەتتى، يەنە سومكا، قەلەمدان قاتارلىق 10نەچچە مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئۆگىنىش قوراللىرىنى ئىئانە قىلدى.

  خۇ جيەنۋېي مۇنداق دېدى: يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى قورقۇپ چۆچىدى، ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئۇلارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىگىلى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئىزىغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر