باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى يۈەنچاۋ پىئونېرلار ئەتىرىتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.10.13 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ 11-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرىگە كېلىپ، پىئونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، چۈشتىن كېيىن پىئونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرى ۋە پىئونېرلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئۇ پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئېسىدە مەھكمە تۇتۇپ، سوتسيالىستىك قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى پىئونېرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەكلەيدىغان مەشئەلگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا لى يۈەنچاۋ پىئونېرلار ئەترىتى خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: پىئونېرلار ئەترىتى سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىدىكى مىللەتكە ۋارىسلىق قىلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش، قاراتمىلىق تەربىيە قىلىش، ئىدىيەۋى ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇنى كىشىلەر قەلبىگە، كاللىسىغا سىڭدۈرۈشى لازىم، پىئونېرلار ئەتىرىتى تەشكىلاتى ئۆزگۈچە ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگەللەپ، سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى ئوبزارلاشتۇرۇپ، ئۈلگىگە، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرى ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر