باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەر قايسى تەرەپلەرنى چىرماپ تۇرغان مۇرەككەپ مەسىلىگە ئايلاندى

2014.10.11 10:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەر قايسى تەرەپلەرنى چىرماپ تۇرغان مۇرەككەپ مەسىلىگە ئايلاندى. شۇڭا ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى ھەل قىلىش نۆۋەتتە ئەڭ جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى، بىراق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چېتىشلىق مۇھىم بىر تەرەپ بولغان ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدىكى ئۇچرىشىشى ئەمەلگە ئاشمىدى.

  يېقىندا ئاخىرلاشقان 69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، ئىران پىرېزىدېنتى روخانى كىشىلەر ئارزۇ قىلغانغا ئوخشاش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن سۆزلەشمىدى. شۇنداقلا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە ئاخىرى بۆسۈپ ئۆتۈشلەرمۇ بولمىدى. روخانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بىلەن ئامېرىكا ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشدىمۇ ئىلگىرلەشلەر بولمىدى، بۇنىڭدىكى سەۋەب كۆپ تەرەپلەردىن بولدى.

  روخانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا تەرەپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاشنى يولغا قويۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يارىشىش كەيپىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئوباما، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ھەل قىلىنمىغان نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

  2013-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، ئوباما ئىراننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى روخانى بىلەن 15 مىنۇت تارىخى خاراكتېرلىك سۆزلىشىپ، ئامېرىكا ئىران مۇناسىۋىتىدىكى 34 يىل داۋاملاشقان قاتمالىقنى بۇزۇپ تاشلىدى. بىراق بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىدىكى توسالغۇلار بىر ئاز تۈگىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي خاراكتېرلىك ياخشىلىنىش دەرىجىسىگە يەتمىدى. روخانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا زىيارەتتە بولۇشدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا يەنە بىر قېتىم يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازانى يولغا قويدى، بۇ ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ يارىشىش كەيپىياتىنى بۇزۇۋەتتى. شۇڭا، ئىراننىڭ ئالى رەھبىرى ھامىنىينىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، روخانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە ئىران بىلەن ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ سۆزلىشىشنى باشلىمىدى. روخانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، ئەگەر ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىنمايدىغان بولسا، ئۇنداقدا سۆزلىشىشنىڭ قىلچىمۇ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى،ھەمدە نۆۋەتتە سۆزلىشىش شەرتىنىڭ پىشىپ يېتىلىمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  غەرب ئەللىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىر دىپلوماتى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ئىران بىر بىرگە ئىشەنمەيدۇ، بۇ مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى. روخانى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئاخىردا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىدا، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىشىنىش ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. روخانى يەنە، بىز ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم ئىشىنىشنى خالايمىز، بىراق ئامېرىكىمۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە ئېرشىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  بىراق ئامېرىكا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىراننىڭ يادرو ئەسلەلىرىنى ئاشكارىلاشتىكى بەش باسقۇچنى ئورۇنلىشىنى تەلەپ قىلدى. بىراق ئىران ئۆزى ۋەدە قىلغان ئۈچ تۈرنى ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا، ئامېرىكا ئىراننىڭ كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان سەمىمىيتىدىن گۇمانلاندى. گەرچە ياۋروپانىڭ بىر قىسىم دىپلوماتلىرى ئىران ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسى بويىچە كېلىشىمنى ئىمزالىسا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىران ئىلگىرىكى ساۋاقلاردىن ئىبارەت ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلدى.

  نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا جازانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەت ناھايىتى زور ئىختىلاپ ساقلانماقتا. روخانى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىران، جازانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنمايدىغان ھەر قانداق لايىھەنى قوبۇل قىلمايدۇ، بىراق ئامېرىكا جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ئىنتايىن بىخللىق قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى، ئىران ئامېرىكىنىڭ ئۈمىدى بويىچى زور دەرىجىدە يول قويىدىغان بولسىلا، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازانىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، بەلكى بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە زور زىددىيەت ساقلاندى.

  ئامېرىكا بىلەن ئىران، ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى مەيدانىدىمۇ خېلى ئارلىق ساقلانماقتا. ئامېرىكا ئىراندىن ئورۇن قويۇلدۇرۇشغا كېرەك بولغان سېنترىفۇگنى ھازىرقى 10 مىڭدىن 1 مىڭ 500 گە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى، ئىران بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ، ھەرقانداق كېلىشىمنى، سېنترىفۇگنىڭ سانىنى ئازايتىش بەدىلىگە ھاسىل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  روخانى ، ئىران بىلەن ئامېرىكا بىر قانچە سېنترىفۇگنى دەپ ئىككى دۆلەت مۇناىسۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياخشىلاشدەك تارىخى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ دېدى. بىراق غەرب ئەللىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر دىپلوماتى مۇنداق دېدى: روخانى مۇشۇنداق قاراپلا قالماستىن، بىزمۇ شۇنداق دەپ ھېسابلايمىز، بىراق بىز ئىراننىڭ ئەمەلىي خارەكتېرلىك يول قويۇشىغا مۇھتاجمىز.

  بۇندىن ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، ئىران سۆھبەتنىڭ ئىستىقبالىغا ناھايىتى ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولغان ئىدى. ئىران، ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىماقتا، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك يول قويدۇرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى دەپ قارىدى، ھەتتا بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە زور ئۈمىد كۈتتى. بىراق ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئالى رەھبىرى ھامىينىي، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇ ئىراننىڭ ئالاھىدە شەرت قويغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىران ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە يول قويۇشنى خالايدىغان بولسىلا، ئىراننىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاققا چەكلىك دەرىجىدە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىراق ئىش بۇنداق ئاسانغا توختىمىدى. ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان جازالاش سىياسىتىنى قەستەن ئۆزگەرتمىدى. ئامېرىكا ئىراننىڭ باشتىن ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مەنپەئەتكە زور دەرىجىدە ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت يەتكۈزىدىغان ۋە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان دۈشمىنى دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن، ئامېرىكا ئىراننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىپ، ئىراننى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرسىمۇ، بىراق ئىرانغا قاراتقان جازانى بوشىتىشنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنىڭ شەرتى قىلىپ، يولۋاسنى قەپەزدىن قويۇپ بەرمەيدۇ. ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان جازانى بوشاتقان ھامانلا، ئىراننىڭ قايتىدىن گۈللىنىپ، ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم ئىمزالاش بىلەن بىرلەشتۈرمەيدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

  گەرچە، ئىران بىلەن ئامېرىكا يادرو مەسىلىسىدە ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى ئىمزالىشىنىڭ ئىستىقبالى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى بۇرۇنلا باشلاندى.

  مەيلى ئىران ياكى ئامېرىكا سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلسۇن، 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى چەكتىن بۇرۇن كېلىشىم يەنىلا ئىمزالانمايدىغان بولسا، ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئىشكىنى تاقاش ئۈستىدە ئويلاشمايدۇ. نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت بىلەن ئىرانغا قاراتقان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تولۇق ئۇمۈدتە بولماقتا. 77 دۆلەت گۇرۇھى بىلەن جۇڭگو ئىراننى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا جازالاشنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ بىردەم داۋاملىشىپ بىردەم توختاپ قېلىشتەك ۋەزىيەت يەنىلا داۋاملىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر