باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

2014.10.10 23:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ تىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، نەپ يەتكۈزۈشتە ۋە يەرلىكتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. بۇ تۆت يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى427 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 851 مىليارد يۈەنگە يەتتى. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.5 ئاشتى.كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 19 مىڭ 942 يۈەندىن ئېشىپ 37 مىڭ 847 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.1 ئېشىپ، مەملىكەت بىلەن بولغان پەرقى تەدرىجىي كىچىكلىدى.

  بۇ تۆت يىلدا شىنجاڭدىكى شەھەر يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 12 مىڭ 258 يۈەندىن ئېشىپ، 19 مىڭ 982 يۈەنگە يەتتى. دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى3883 يۈەندىن كۆپىيىپ 7394 يۈەنگە يېتىپ، غەربىي رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ھالقىدى.

  بۇ تۆت يىلدا شىنجاڭ كۆپلىگەن مەبلەغنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سالدى. خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنىڭ ئاممىۋى مالىيە ئومۇمىي چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 دىن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %29.7 ئاشتى. كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيدىن 1 مىليون141 مىڭ 600 يۈرۈش سېلىندى؛ ئائىلىسىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلە قالمىدى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تىزلىتىش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەبلەغ سالدى؛ تۈرلەرنى يولغا قويدى؛ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ باردى. ھازىرغىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بۇ يىللىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ 100 مىليارد 670 مىليون يۈەنىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛بۇ پۈتۈن بىر يىلدىكى پىلاننىڭ %95.7 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1010 دا ئىش باشلاندى، بۇ پۈتۈن يىللىق پىلاننىڭ %91.8 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ تۇرالغۇ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلىرىدە خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپلا قالماي، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر