باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى (1)

2014.10.10 16:21   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋرى: گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مېركىلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-چېسلا چۈشتىن كېيىنمەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېرلىن تېگىل ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىپ، گېرمانىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى تەبىر بېرىلدى. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىسىقويۇق بولۇۋاتىدۇ،ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى مىسلىسىز سەۋىيەگە يەتتى. مەن گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەنئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىستىراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تاشقى سودا، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكىئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقنى بىرلىكتە پىلانلاپ، ئەلئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى پەللىدە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىئۈمىد قىلىمەن.ۋۇ لېجۈن، گۇەن كېجياڭ، دېڭ خۇڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز