باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار يىغىنى ئاچتى

2014.10.10 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9 – ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى ھەم سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، سۆزنىڭ روھى بىلەن مېڭىسىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇشى، ئۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتە كۈچەيتىش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ ئاساستا، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ ليۇ جېنچياڭ قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر