باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش شىنجاڭدا باشلاندى

2014.10.13 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېزا ئىگىلىك پۇل مۇئامىلە ئىجارە شىركىتى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پۇل مۇئامىلە ئىجارە سىنىقى تۈرى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باشلاندى، 17 پاختا تېرىش ماشىنىسى يېڭى پاختا تېرىش مەزگىلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلدى. بۇ-ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكى پۇل مۇئامىلە ئىجارە كەسپىدە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلانغانلىقى شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشتىكى مەبلەغ قىيىنچىلىقى، قەرز ئېلىشى تەس بولۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىر يېڭى يولغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر پاختا تېرىش ماشىنىسى بىر كۈندە 1200 پاختا تەرگۈچىنىڭ ئىشىنى قىلالايدىكەن. لېكىن بىر پاختا تېرىش ماشىنىسى ئېلىشقا ئۈچ مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن، ئەلۋەتتە پاختىكارلارنىڭ بۇنىڭغا چىقىش قىلىشى تەسكە توختايدىكەن. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پۇل مۇئامىلە ئىجارە سىنىقى تۈرى شىنجاڭدا باشلانغاندىن كېيىن، دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالغاندا ئالدىن پەقەت %30 نى تۆلىسىلا بولىدىكەن، قالغان قىسمىنى قەرز ئېلىپ تۆلىسە بولىدىكەن، ئۆسۈمدە يەنە تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجارە كەسپى ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان جايلاردا نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە بولۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى خوجايىنلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشىدىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلانغان. ئېلىمىزدە بولسا يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئىجارە كەسپىدە ماھىيەتلىك بۆسۈش بولماي كەلگەن ئىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭنىڭ پاختا تېرىش ماشىنىسىنى ئىجارىگە ئېلىش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 50 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر