باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ: ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىشتا تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ـ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ بۇ يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2014.10.10 08:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 8-ئۆكتەبىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن تارماق مەسئۇللىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى:«بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەركەز تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتنىڭ تەجرىبە ۋە نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قاتتىق باشقۇرۇشقا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى تەكىتلىدى. گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان ئاكتىپلىقى، قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئىزچىل چىڭ تۇتۇشى، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈشى لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر