باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ يۈننەندىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى

2014.10.09 13:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر سائەت 21 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسى پۇئېر شەھىرى جىڭگۇ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى بەش كىلومېتىر كېلىدۇ. 8-ئۆكتەبىر سائەت 15 كىچە، يەر تەۋرەشتە بىر ئادەم قازا قىلدى، 324 ئادەم يارىلاندى، 6988 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلدى، بەش ناھىيە، رايوندا 124 مىڭ 600 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم يوليورۇق چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقىدار يەرلىك ۋە تارماقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىلانغان ئاممىنى قۇتقۇزۇپ، شۇ جايدىكى ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەردىن تېزدىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاممىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلەپ، قالدۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى شۇنداقلا لۇديەندىكى يەر تەۋرىگەن جايلارنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر لى كېچياڭمۇ يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكتىن ئاپەت ئەھۋالىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپەتتىن، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، بۇزۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن جىددىي رېمونت قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەپ، ئىككىلەمچى ئاپەتتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۆلۈم-يېتىمنى ئازايتىپ، ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاپەت بولغان جايلارنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي لايىھەسىنى يولغا قويدى ھەم يەرلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت بولغان جايغا ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر