باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گەنسۇدىكى مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى(1)

2014.10.11 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق خۇيزۇ، دوڭشياڭ، باۋئەن، سالا، قازاق مۇسۇلمان 4-ئۆكتەبىردىن تارتىپ، يىلدا بىر كېلىدىغان قۇربان ھېيتنى خۇشاللىق ئىچىدە كۈتۈۋالدى. قۇربان ھېيتتا، ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە، مۇسۇلمانلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى پاكلاپ، تەقۋادارلىق بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ، يەنە قۇربانلىق قىلىپ ئۆز ئارا ھېيتلىشىدۇ شۇنداقلا ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە سەدىقە بېرىدۇ.

  4-ئۆكتەبىر سەھەردە، 30 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى داشاپىڭ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا يىغىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مەككىدىكى كەئىبىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇدى شۇنداقلا قۇربان ھېيتلىق دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. دۇئادىن كېيىن، نۇرغۇن مۇسۇلمان ئۆيلىرىگە قايتىپ قۇربانلىق قىلىپ ھېيتلاشقا تەييارلاندى.

  قۇربان ھېيت يېتىپ كەلگەن پەيتتە، نۇرغۇن مۇسۇلمان يەنە يانفون بىلەن يىراقتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ھېيتلىق سالام يوللىدى. لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لىنشيا ناھىيەسى سىگۇ كەنتىنىڭ مۇدىرى سىمانۇس مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، كەنتىمىزدىكى خەنزۇ، خۇيزۇ، دوڭشياڭ ئاممىسى ئۆز ئارا ھېيتلاش، ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈردى. بۇ يىلمۇ شۇنداق قىلدى، قۇربان ھېيت يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ئۇلار خەنزۇ قوشنىلىرى بىلەن ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر