- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى مىنسىك باشلىقلار يىغىنىدا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى تەكىتلەندى
2014.10.11 10:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىر كۈن داۋاملاشقان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى 10-ئۆكتەبىر بىلورۇسىيەنىڭ مەركىزى مىنسىكتا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى رامكىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېتىدىن سىرت، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا 11 دۆلەت ئىچىدە 10 دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى يىغىنغا قاتناشتى. ئۇكرائىنانىڭ بىلورۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىغا ۋاكالىتەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا ئاساسلىقى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئادىمىيەت، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇزاكىرە قىلىندى، ھەمدە ئادىمىيەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 15 تۈرلۈك ھۆججەت ئىمزالاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر