باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن-تېخنىكا زامانىۋى يېزا ئىگىلىككە كۈچلۈك تىرەك بولماقتا

2014.10.13 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئاكادېمىك يۈەن لوڭپىڭ باشچىلىقىدىكى 4-قارارلىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى مىڭ كىلوگرامغا يەتكۈزۈش ئۆتكىلى تۈرىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئۆلچىدى. ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، خۇنەن ئۆلكىسى شۈپۇ ناھىيەسىدىكى 4-قارارلىق يۈز مولۇق دەرىجىدىن تاشقىرى شالنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى مىڭ كىلوگرامدىن ئاشقان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش ئاساسلىقى مۇنداق جەھەتتە گەۋدىلەندى: 1-يېزا ئىگىلىكتە بىر تۈركۈم ئىجادىي مۇھىم نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ، ئېلىمىز ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئۇدا ئون يىل ئېشىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. بىرلىك مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك بىر تۈركۈم زىرائەت يېڭى سورتلىرى يېتىشتۈرۈلدى. 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئاشلىق ۋە ئىقتىسادىي زىرائەت يېڭى سورتىدىن 370 نەچچىسى يېتىشتۈرۈلدى. دەرىجىدىن تاشقىرى شالدىن سىرت، يېتىشتۈرۈلگەن ئەلا سۈپەتلىك پۇراقلىق شال سورتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي پۇراقلىق شال بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 تىن ئېشىپ، چەتئەل سورتلىرى ئالىي سۈپەتلىك شال بازىرىنى مونوپول قىلىۋېلىش ھالىتى ئۆزگەرتىلدى؛ يېتىشتۈرۈلگەن بۇغداي يېڭى سورتى ۋە بىر يۈرۈش كۆممىقوناق يېڭى سورتلىرىدا زور كۆلەمدە يۇقىرى مەھسۇلات ئېلىش رېكورتى يارىتىلدى. بۇندىن باشقا، يەنە ئۆي قۇشلىرى يېڭى سورتىدىن 23 ى، ئوت-چۆپ يېڭى سورتىدىن 35 ى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق يېڭى سورتىدىن 19 ى يېتىشتۈرۈلدى. 2-يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش سودا سەھنىسى قۇرۇلۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئىشلىتىشنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولى ئېچىلدى. 3-يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سەھنىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولۇپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەش تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى. بۇ يىل مەركەز مالىيەسى بىر مىليارد يۈز مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر