باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىسى پۇئېر شەھىرى جىڭگۇ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئاممىنى خەۋپتىن ساقلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يوليورۇق بەردى

2014.10.10 08:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋرى: 7-ئۆكتەبىر(بېيجىڭ ۋاقتى) سائەت 21 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسى پۇئېر شەھىرى جىڭگۇ ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 23.4 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 100.5 گىرادۇس)دە 6.6 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 5 كىلومېتىر بولدى. 8-ئۆكتەبىر سائەت 15 كىچە، يەر تەۋرەشتە بىر ئادەم قازا قىلدى، 324 ئادەم يارىلاندى، 6988 يۈرۈش ئۆيئۆرۈلۈپ چۈشتى، بەش ناھىيە (رايون)دىكى 124مىڭ 600 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئالاقىدار رايونلار ۋە ئورگانلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشىنى، شۇ جايدىكى ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ يەرتەۋرەش ئاپىتىگەتاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تېزدىن ئاتلىنىپ، ئاممىنى خەتەردىن ساقلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، قالدۇق تەۋرەشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لۇديەن ئاپەت رايونىنىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر چىقىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىتەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر