باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەردىكى پاركورچىلار (1)

2014.10.11 12:51   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

قەشقەردىكى پاركورچىلار (1)

  ئابدۇسالام مەشىق قىلماقتا

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى، تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى ، فوتوسى : سىز ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى قەشقەر خەلق باغچىسىدا ساياھەت قىلسىڭىز ، بىر توپ پاركۇرچى بالىلارنى كۆرىسىز .

  ئۇلار ئادەتتە تۈز يەردە بوشلۇقتا موللاق ئاتىدۇ ، تۇيۇقسىز ئىرغىپ چىقىپ سەكرەپ –تاقلايدۇ . ئېگىز تام ، جىلغا ، ئادەم ئايلىنىپ ئۆتىدىغان توسۇق قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئايلانغان . ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ بولسىمۇ پاركورچىلار (Parkour) . بۇ ھەرىكەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى فىرانسىيەدىكى ئەسكەرلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان . 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان . مانا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ھەرىكەت 80-، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ ، قەشقەرگىچە يېتىپ كەلدى . قەشقەردىكى پاركورچى بالىلار ھەر ھەپتىدە مۇۋاپىق سورۇننى تېپىپ مەشق قىلىدۇ. ئۇلار پۈتۈن شەھەرنى مەشق ئورنى دەپ بىلىپ ، توسۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشنى ئۆزىدىن ھالقىش دەپ قارايدۇ .

  بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا ، قەشقەر پاركۇرچىلار Dangerous Super Boy ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇسالام ئەترەتتىكى ئەزالارنى باشلاپ ، قىزىل كالا پاركۇرچىلار ئەترىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى . ھەمدە بۇ ئەترەتتىكى قەيسەرجان مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ، ئابدۇسالام تۆتىنچىلىككە ئېرىشتى . ئۇلار نويابىردا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە جىددىي تەييارلىق قىلماقتا .

  بۈگۈنكى كۈندە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر قەشقەردە ئابدۇسالام ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ تاملار ئارىسىدا موللاق ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇلار قەدىمىي شەھەر ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان موللاقچى كەپتەرلەرگە ئوخشايدۇ .

  قەشقەر پاركۇرچىلار Dangerous Super Boy ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇسالام ھازىر قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ، نۇرغۇن كىشىلەر پاركورچىلىق مەشىقى داۋامىدا كۆپ قېتىم يارىلانغانلىقى سەۋەبىدىن چېكىنىپ چىقىدىكەن . ئەمما ئۇلارغا نىسبەتەن پاركورچىلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلانغان . ئابدۇسالام كەلگۈسىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە بىر پاركورچىلار سارىيى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز